Uyghur

Surah زەلزەلە - Aya count 8
Share
زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا،
ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە،
بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى - يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ
(ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر
بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ - توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ
كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ